رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەن جازاسى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش مەسىلىسى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى ۋە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.25

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى چاقىرغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر كومىتېت خىتاي تەھدىتىنى تەكشۈرۈش تېمىسى ئاستىدا چاقىرىپ كېلىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدۇر.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە «خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بۇچۇن تسېرىڭ ئەپەندى، فالۇنگوڭ مۆرىتى خەيلى ئەپەندى ۋە «ھۆرلۈك شۇئان» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى جارېت گەنسەر قاتارلىقلار قاتنىشىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئاساسلىق 2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، « شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ھەمدە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

رابىيە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى مىسلىسىز دەرىجىدە چەكلىگەنلىكى، چەكلەشنىڭ بۇ يىل رامزان مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە 8 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنۇپ، مەجلىس ئەزالىرىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، قامالغان جايى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇلارنى جىددىي قويۇپ مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.