دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2012.09.01
قۇرۇلتاي باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش تاكتىكىسىنى سىستېمىلىق ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ دېرىكى، ئەھۋالى ۋە كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، بەختكە قارىشى ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەلەپلىرى رەت قىلىندى ياكى نەزەرگە ئېلىنمىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2009 - يىلىدىن بۇيان 10 مىڭ ئۇيغۇر ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان.
قۇرۇلتاي باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ، خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيبلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.