گۇاڭدۇڭنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ ياڭ 18-قۇرۇلتاي داۋامىدا ئىسلاھات شوئارىنى تەكىتلىدى

18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ، بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئىسلاھات ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان.

«كومپارتىيە ئەزاسى دېمەك، ئەسلىدە ئىسلاھاتچى دېمەكتۇر» دېگەن ۋاڭ ياڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا گۇاڭدۇڭنىڭ ۋە پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە ۋاڭ ياڭ كونكرېت سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر بىر مەزگىلدە ئىسلاھات سۆزىنى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى؛ چۈنكى ۋاڭ ياڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئىسلاھاتچى پىكىر ۋە پوزىتسىيىسى بىلەن تونۇلغان شەخسلەردىن بىرى.

ئۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ۋەقە ھەققىدە مۇستەقىل پىكىر بايان قىلغان ئەمەلدارلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدىكى سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان.

نۆۋەتتە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي كومىتېتى ئەزا بولۇپ كىرىش- كىرەلمەسلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشى ھەققىدە بەلگە بېرەلەيدىغان بىر ئىشارەت دەپ قاراشماقتا.