بىر قىسىم ئەللەردە غۇلجا «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى

د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا ئورۇنلاشتۇردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.01.27

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىگە 15 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، غۇلجا خەلقىگە روھى ۋە جىسمانىي بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1997‏-يىلى 5‏-فېۋرال كۈنى نەچچە مىڭ ياش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپ ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقى ۋە دىنىي چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غۇلجىدا نامايىش قىلغان. لېكىن، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى. قولغا ئېلىنغانلاردىن نۇرغۇن كىشى ھەر خىل قاماق جازاسى، بەزىلىرى بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۇرغۇن كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىدىن ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھېقىقى سانىنى ئېلان قىلىشنى، يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى ۋە ئۆلگەنلەرگە تۆلەم بېرىپ، ئائىلىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئازاب -ئوقۇبىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.