غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا ھەر بىر كوچىغا بىردىن 'ساقچى - خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى' قۇرۇلىدىكەن

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا بۇ يىلدىن باشلاپ "بىر كەنتتە بىر ساقچى ئىشخانىسى، بىر ساقچىخانىدا بىر خەلق ساقچىسى، بىر مەھەللىدە بىر ساقچى - خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولۇش" دەيدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.22

بۇ تۈزۈم بويىچە بولغاندا، دادامتۇ يېزىسى ۋە يېزىغا تەۋە 5 كەنتتە جەمى 6 ساقچى ئىشخانىسى ۋە بۇ كەنتلەردىكى ھەر بىر كوچىدىن بىر ئائىلە تاللىنىپ "ساقچى - خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى" قۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، دادامتۇ يېزىسىدىكى "ساقچى - خەلق ئالاقىلىشىش پونكىتلىرى" يەرلىك خەلقنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىشپىيونلۇق ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت دەپ قارىماقتا.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ دادامتۇ يېزىسى خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر يېزىدا ئۇيغۇرلار تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە سېتىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن، ئارا دادامتۇ ئاياللىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دادامتۇ يېزىسىدىكى ئارزۇگۈل تۇرسۇن ساقچى دائىرىلىرى بىلەن تىركىشىپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسىدىن بىر قانچە قېتىم قۇتۇلغان ۋە ئاخىرى ئۇنىڭ بالىسى دۇنياغا ساق - سالامەت كۆز ئاچقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.