غۇلجىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا 4 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا مەمۇرى جازا ئېلان قىلىنغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى جەريانىدا، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتى، غۇلجا شەھىرىنىڭ مەلۇم قاتناش بېكىتىگە يېقىن جايدا، كوچىدا بىللە كېتىۋاتقان ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 4 ئوقۇغۇچىسىنى توسۇۋالغان ۋە ئۇلارنى 'دۆلەت بايرىمى جەريانىدا توپلاشماسلىق دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمىدى' ۋە 'ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى' دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىپ، ھەر بىرىگە 10 كۈنلۈكتىن مەمۇرى جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.06

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بىر نەچچە ئۇيغۇر كوچىلاردا بىللە مېڭىپ قالسىمۇ، ھەتتا ئۇلارنى 'توپلاشتى' دەپ بولسىمۇ جازا ئېلان قىلىپ، دىلىنى ئازاپلاۋاتقانلىقىنىڭ نەق پاكىتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.