ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلارنىڭ خىتايدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن غەزەپلەنگەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كونسۇلخانىغا خام تۇخۇم ئاتقان ۋە كونسۇلخانا بىناسىنىڭ تام ۋە دېرىزىلىرىنى خام تۇخۇمدا بويىۋەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.03

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخىندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلارنىڭ "‏26 - ئىيۇن" ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

"ۋەتىنىم" تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت 17:00 دە نامايىش ئاخىرلىشىپ ئارىدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئون نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىز - ئوغۇللار كونسۇلخانا بىناسىغا خام تۇخۇم ئېتىپ، كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزە، تاملىرىنى رەسۋا قىلىۋەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت نامايىش تارقاپ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار قايتىپ بولغان ۋاقىت ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كونسۇلخانىغا تۇخۇم ئاتقان بالىلارنىڭ 6 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5نەپەر قىز بالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شاۋگۈەندىكى ۋەقە مۇناسۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتقان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرغان ئىدى. شۇ كۈنى گېرمانىيىدىن باشقا، شۋېتسىيىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.