گېرمانىيە ساقچىلىرى 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، گېرمان ساقچىلىرى 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.11.24

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر گۇماندارلار گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشپىيونلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى گېرمان ساقچىلىرىدىن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىدا، ساقچىلار 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئەمما، تەكشۈرۈشنىڭ نەتجىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

گېرمانىيىدە نۆۋەتتە 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش شىتابى مىيۇنخېندا، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، شەرقى تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق غوللۇق تەشكىلاتلارمۇ گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇڭا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ گېرمانىيىگە نۇقتىلىق كۆز تىكىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.