ئەنگلىيە، خىتاي سوتىنىڭ گۇ كەيلەيگە بەرگەن جازاسىغا رازىمەنلىك بىلدۈردى

خىتاينىڭ خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل ھەيۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەيگە ئۆلۈم جازاسى بەردى ۋە جازانى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-20
Share

خىتايدا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئۆلۈم جازالىرى ئاساسەن مۇددەتسىز ياكى مۇددەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، گۇ كەيلەيگە بېرىلگەن جازا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشى دەپ قارالماقتا.

بۈگۈن ئەنگلىيىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، گۇ كەيلەي تۇتۇلغاندىن باشلاپ، ئەنگلىيە خىتاي تەرەپتىن، گۇكەيلەينىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە جازالىنىشىنى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىكىنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، گۇ كەيلەينىڭ ئامان قېلىشىدا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيىنىڭ مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت