خىتاي ساقچىلىرى گۇاڭدۇڭلۇق نامايىشچىلاردىن 3 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى
ئارقا - ئارقىدىن ئىككى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇاڭدۇڭدىكى نامايىشتا ۋەزىيەت تېخىچە پەسەيمىگەن بولۇپ. گۇاڭدۇڭ شىۋىسىنى قوغداش شۇئارى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنمۇ يۈز بەرگەن. گۇاڭجۇنىڭ يۈېشيۇ دېگەن جايىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى نامايىشتا يول توسۇش ۋە ساقچىلار بىلەن تىركىشىش قاتارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەن. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات بولۇمى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنكى نامايىشنى قانۇنسىز يىغىلىش دەپ ئەيىبلىگەن ھەم نامايىشتا ئاكتىپ رول ئالغان، بىر ئايال، 2 ئەر بولۇپ 3 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، مەمۇرى جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
ساقچى ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە يەنە، دۈشەنبە كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان 3 نەپەر نامايىشچىنىڭ، ئىلگىرىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە جازالانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.