شاۋگۈەندىكى توقۇنۇشتا 'ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئون نەچچىگە يېتىشى مۇمكىن'

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن ناھىيىسىدىكى شۈيرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن خەۋەردار يەرلىك خىتايلار 25 - چىسلا كېچە يۈز بەرگەن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئون نەچچىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋبېي 2‏ - دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان لى پەمىلىلىك بىر بىمار چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ ۋەقەدە يارىلانغان بىمارلار بىلەن بىر ياتاقخانىدا يېتىۋاتقانلىقىنى، كەلگەن - كەتكەنلەردىن توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون نەچچىگە يېتىدىغانلىقى، يارىدارلارنىڭ 300 دىن ئاشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋەقەدە 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى، يارىدارلارنىڭ يۈزدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن ئاۋبېي 2‏ - دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان يۇقىرىقى بىمار رادىئومىزغا مۇنداق دەيدۇ": ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يارىلانغانلار ناھايىتى كۆپ، شىنجاڭلىقلاردىن ئۆلگەنلەر ئون نەچچىگە يېتىشى مۇمكىن. يارىلانغانلار 300 دىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق يارىدارلارمۇ بار. شىنجاڭلىقلار بىزگە ئوخشىمايدۇ."

ئاۋبېي خەلق دوختۇرخانىسى نۆۋەتچى ئىشخانىسىدىكى بىر سېسترا مەزكۇر دۇختۇرخانىنىڭ 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يارىدارنى داۋالاشقا مەسئۇل بولغانلىقىنى، بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىش باشقارمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋەقەدە ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇردا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن.

شۈيرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ بىر خادىمى رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باشقا بىر زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر شاۋگۈەندىكى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن 2 ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتىنى ئالدىنقى كۈنى قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ زەمىن يېزىسىدىكى ئائىلىسىگە ئاپىرىپ، خۇپىيانە ھالدا دەپنە قىلغان ئىدى.