پالاۋ پرېزىدېنتى گۇئانتانامودىن قويۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزى كۈتۈۋالدى

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 6 نەپىرى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەكشەنبە كۈنى تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ مەركىزى شەھىرى كورورغا يېتىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-11-01
Share
Uyghurlar-Palawgha-yetip-kelgen-korunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺟﻮﻧﺴﻮﻥ ﺗﻮﺭﯨﺒﯩﺌﻮﯓ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻻﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ، 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.oceaniatv.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ Roll'em Productions ﻧﯩﯔ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ ئايرودرومغا چىقىپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋالغان شۇنىڭدەك ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ مۇخبىرغا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنى قېرىنداش دەپ ئاتىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى،" سۆزلەپ بەرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرى مەزكۇر ئالتە ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا يولغا سېلىنغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار كېلىشتىن ئىلگىرى پالاۋ ھۆكۈمىتى ساقچىلارنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايى مەسچىتكىمۇ ناھايىتى يېقىن ئىكەن.

پالاۋ پرېزىدېنتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تۇرالغۇ جاي، مائارىپ تەربىيىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ دۆلىتىنىڭ نوپۇسى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن.

پالاۋ ئارال دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق، ئەكسىچە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى، "ئامېرىكا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان جاي تاپقۇچە ئۇلارنىڭ پالاۋدا تۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (12)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Nov 01, 2009 09:41 PM

ﻫﺎ ﻫﺎ ﻫﺎ ، ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﺭﺍﯞﺭﯗﺱ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻕ -ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﭘﺎﻻﯞﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﯮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.

Anonymous says:
Nov 03, 2009 08:44 AM

ﯪﻟﻼﻫﻘﺎ ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ.............ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ !ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ (ﯞﻩﺗﻪﻥ)ﯻﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ !

Anonymous says:
Nov 01, 2009 03:44 PM

ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﺷﯜﻛﺮﻯ !

Anonymous says:
Nov 02, 2009 03:24 PM

ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ...... ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ....

Anonymous says:
Nov 01, 2009 08:12 PM

Биз интайин хош болдук!!!

Anonymous says:
Nov 02, 2009 03:30 PM

ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ...... ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.... ﻣﺎﺷﺎﻟﻼﻫ ﯬﻟﻰ ﯪﻛﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺴﻪﻥ. ﯪﻟﻼﻫ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺴﻪﻟﻠﻠﺮﯨﺮﮔﻪ ﺷﯩﭙﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ......

Anonymous says:
Nov 01, 2009 05:32 PM

ﯰﻟﯘﻍ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ، ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯲﺯ ﭘﺎﻧﺎﻫﯩﯖﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ، ﺭﻩﺯﯨﻞ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺗﯩﻨﯩﭻ ﯪﻣﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﺗﺮﺍﻕ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ......ﯪﻣﯩﻦ

Anonymous says:
Nov 02, 2009 02:01 AM

Palaw hokumeti we helqi Uyghur millitining eng yeqin dosti hokumet we heliqtur, Uyghur millitining Palaw hokumetige helqige we reisi jumhurige rehemt qerzi bar, buni Uyghur milliti bir kuni choqum toleydu.

Anonymous says:
Nov 02, 2009 11:42 AM

ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﯪﻟﻼﻫ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﯲﺯ ﻳﻮﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت