گۇەنتانامودىكى يەمەنلىك باسارد ۋەتىنىگە قايتۇرۇلماسلىقنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.01
2009.04.01
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 33 ياشلىق باسارد ئۆزى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن، ئۆز ۋەتىنىگە ياكى باشقا ھەر قانداق ئىسلام دۆلىتىگە قايتۇرۇلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
شىكايەتنامىدا ئېيتىلىشىچە، يەمەنلىك ياسىن مۇھەممەد باسارد ئافغانىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ تۈرمىگە ئېلىنغان. تۈرمىدە بۇنداق نامدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسى جىھات قىلىشقا تەربىيىلەنگەن.
تالىبانلار ئۇنى ئافغانىستانغا ئەكىلىپ، ئوساما بنلادىننىڭ لاگىرىدا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىىپاقداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ھەرىي تەلىمگە قاتناشتۇرغان. ئۇ، بۇنداق ساختا ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ھەتتا ئامېرىكىغا ئەسكەر بولۇشنى ئويلاپ، 2001 - يىلى ئوساما بىنلادىن تۇرغان ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى پاكىستان ھەربى قىسىملىرى تۇتۇۋالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، باسارد نىڭ ئەھۋالى بۇلتۇر ئامېرىكا سوتچىسى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چىقارغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئۇلاردىن كېيىن قويۇپ بېرىش بۇرۇقى چۈشۈرۈلگەن بەش نەپەر ئالجىرىيىلىكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.