Google شىركىتى يېقىندا خىتاي خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ،گېزى كەلسە خىتايدىكى سودا مەشغۇلاتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئەگەر Google شىركىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى Google شىركىتىگە ياردەملىشىپ، خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىدىكەن شۇنداقلا Google ۋە تور قوللانغۇچىلارنى قوغدايدىكەن.
Google شىركىتى يېقىندا خىتاي خاكېرلىرىنىڭ Google ئارخىپىغا كىرىپ، ئۆكتىچى زاتلارنىڭ Google دىكى خەت ساندۇقىغا كىرگەنلىكى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ Google غا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن Google شىركىتى ھەمكارلاشسا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تور قوللانغۇچىلارنىڭ Google دىكى ھېساب نومۇرى ياكى خەت ساندۇقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى، Google شىركىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ئامبېرىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.