12 - يانۋار، كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەت ھايتى جۇمھۇرىيىتىدە 7 بالدىن دىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغاننىڭ ئۈستىگە، دەسلەپتە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت ھايتى ھۆكۈمىتىگە جىددىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاللىقاچان ھايتىغا ياردەم ئەسلىھەلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ھايتىدا بۇ نۆۋەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم ئىنتايىن كوپ بولغاچقا، ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق تېگىشلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا نۆۋەتتە ھايتى جەمئىيىتىدە جىددىيلىك كېلىپ چىققان.
ئامېرىكا تاشقا ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى، ھايتى پايتەختى پورت ئائۇ پرىنسې شەھىرىگە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلانغا ئامېرىكا ھايتىغا بەرگەن ياردەم ئەسلىھەلىرى قاچىلانغان بولۇپ، ئۇ قايتىشىدا مەزكۇر ئايروپىلانغا ھايتىغا قاپسىلىپ قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بېسىپ قايتىدىكەن.