ئۇيغۇر ئېلىدا 16 نەپەر چەتئەللىك خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئېلىنغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.01.29
2009.01.29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۇ بىر يىل ئىچىدە 25 قېتىملىق خروئىن ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلغان ۋە 96 كىلوگرام خروئىننى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلدىكىدىن 2 ھەسسە كۆپ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ خروئىننىڭ ئاساسلىق قىسمى، ئالتۇن ھىلال دەپ ئاتالغان ئىران،ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونىدا ياسىلىپ تارقالغان بولۇپ، گەرچە خىتايدا خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خروئىن ئەتكەسچىلىكى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.
خروئىن ئەتكەسچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە خروئىن كىرگۈزۈشتە، خروئىننى پلاستىك دورا قۇتىلىرىغا قاچىلاش، يۇڭ گىلەملەرنىڭ ئارىسىغا توقۇپ ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۈرۈمچى ئايروپىلان ئىستانسىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن 48 كىلوگرام خروئىن يۇڭ گىلەمنىڭ ئارىسىدىن تېپىلغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۇيغۇر تېررورچىلىرى ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى" دېگەن باھانە بىلەن چېگرا رايونلىرى شۇنىڭدەك قاتناش تۇگۇنلىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان خروئىن سودىسى ئەۋج ئالماقتا.