ھېلارى كلىنتون خىتاي زىيارىتىدە ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىشىدۇ
2012.08.29
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا زىيارەت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، كلىنتوننىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: بىز جەنۇبىي دېڭىز ۋە ھەرقانداق بىر ئىختىلاپنى قوراللىق كۈچكە تايىنىپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمايمىز. بىز بۇ خىل مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، دېگەن. ۋىكتورىيە نۇلاند يەنە، كلىنتوننىڭ خىتاي زىيارىتىدە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش- قويۇلماسلىقىغا ئىزاھات بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسەن دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلە. ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا دائىم بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىممۇ بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
كلىنتون خانىم پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ تىنچ ئوكياندىكى كۇك تاقىم ئاراللىرى، ھىندونېزىيە، خىتاي، شەرقىي تىمۇر، برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلايدۇ. ئۇ 8- ۋە 9-ئاۋغۇست كۈنلىرى پرېزىدېنت ئوباماغا ۋاكالىتەن، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ۋىلادوۋىستوك شەھىرىدە ئېچىلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.