ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى

12 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ھىندىستان دائىرىلىرى زور كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-10-12
Share

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى سابىق ئەلچىسى نارەش چاندرا مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ھىندىستان ئۇچۇن بىر ئاقىلانە سىياسەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر 18 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئەسكەرلەر ئۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە، تىنچلىق ساقلاش، ھەربىي ماسلىشىش ۋە ئىنسانىي ياردەم ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ مەشىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

خەۋەرلەر قارىغاندا، مانېۋىرغا ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرى، تانكىلار ۋە ئىككى تەرەپتىن نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىر نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ جھانسى رايونىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت