ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىپ خىتايچە ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى يەنىلا ئىشسىز

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە خىتايچە ئوقۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە خىتايچە ئوقۇيدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئاچقاندا، سىلەر ئىچكىرىدە ئوقۇپ، خىتاي تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ، 'ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندە، سىلەرنى ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىمىز،' دەپ ۋەدە بەرگەن ئىكەن.

بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئۇلارغا خىتايچە ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلغان ئىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىچكىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلغانلىقىغا سەككىز يىل بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاز قىسمى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يولى بىلەن بەزى ئىشلارغا ئورۇنلىشالىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ سانلىقى، گەرچە ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە ھەر خىل تېخنىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇپ گۇۋاھنامە ئېلىپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرغا قەدەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار خىزمەت كۈتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلار ئورۇنلىشىدىغان ئىشلارغا ۋاڭ لېچۇەن سەندۇڭدىن 900 ئادەم ئەكىلىپ ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.