ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.25
2009.08.25
ئىلھام توختى مۇخبىرىمىزغا، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا تۇتۇپ، دەسلەپ ئىككى ھەپتە بىر مېھمانخانىغا سولاپ قويغانلىقىنى، كېيىن ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە نەزەربەنت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا قوپال مۇئامىلىدە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېچە - كۈندۈز ئۇيقۇسىز قويۇپ سوراق ئارقىلىق قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن يانفونىمۇ ئىككى كۈن ئىلگىرى ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ، ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇربىز تور بېتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن "بۆلگۈنچىلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى كۈشكۈرتۈش مەيدانى بولغان " دەپ قارىلانغان ئىدى.
ئىلھام توختى بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىشىنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق جىنايەت بېكىتەلمىگەنلىكىدىن باشقا، خىتاينىڭ 60 يىللىق تويىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىشىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئىلھام توختى ئۆزى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ يەنىلا ئاخىرقى نەتىجە بولۇشى ناتايىنلىقىنى بىلدۈرگەن.