ئىنگۇشېتىيدە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 20 رۇس ساقچىسى ئۆلدى

17 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، رۇسىيىنىڭ ئىنگۇشېتىيە رايونىدا، رۇس ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 20 ساقچى ئۆلگەن ۋە يەنە بىر قىسىم ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 138 ئادەم ھەرخىل دەرىجىدە يارىلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.17

ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، نامەلۇم بىرەيلەن بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى، ئىنگۇشېتىيە نەسران شەھەرلىك ساقچىخانىسى دەرۋازىسىغا ئۇرغان. ئەتىگەنلىكى چېنىقىش ئۇچۇن تىزىلغان ساقچىلار ئوق چىقارغان بولسىمۇ، ھۇجۇمنى توسۇپ قالالمىغان. نەتىجىدە بومبا پارتلاپ 20 ساقچى ئۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمدا ساقچىخانىنىڭ قورال ئىسكىلاتىمۇ پارتلاپ كەتكەن. پارتلاشتا ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئوي ۋە ئىشخانا بىنالىرىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان.

ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيە پرېزىدېنتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىنگۇشېتىيە جۇمھۇرىيىتى ساقچى باشلىقىنى خىزمەتتىن ھەيدىگەن.
 
ئىنگۇشېتىيە جەنۇبىي رۇسىيىدىكى ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى. 1992 - يىلى چېچىنىيىدىن پارچىلىنىپ ئىنگۇشېتىيە جۇمھۇرىيىتى قىلىپ تەشكىللىگەن. ئىنگۇشېتىيىنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى بولغا ئىنگۇشلار سۇننىي مەزھىپىگە تەۋە مۇسۇلمان خەلقتۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىنگۇشېتىيدە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر كۈچىيىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ يىل ئىيۇندا كرېمىل تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىنگۇشېتىيە پرېزىدېنتى يۇنۇس بېك يېۋكۇروفقا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ئىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.