ئىران، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازا قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا جازا قوللىنىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بايانات بېرىپ، قارارنىڭ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.10

ئىران پارلامېنتى بۈگۈن ب د ت نىڭ يادرو مەسىلىلىرى تەكشۈرۈش ئورگىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران بۇندىن كېيىن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى UAEK نىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى رەت قىلىشى ياكى ئازايتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازا قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈش قارارى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئىران خىتاينى "ئىسلام دۇنياسى ئالدىدىكى ھۆرمىتىنى يوقىتىپ قويدى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما ئارقىدىنلا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجادنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.