ئىران دىنىي داھىيسى ھامېينى ئۆكتىچىلەرنى ئەيىبلىدى

ئىراننىڭ ئالىي دىنىي داھىيسى ھامېينى يەكشەنبە كۈنى ئىراندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنى ئىراننىڭ ئىسلامىي دۆلەت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەمدە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ھامېينىنىڭ بۇ ئەيىبلىشى 7 - دېكابىردىكى چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتتىن ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارنىڭ بۈگۈنكى دىنىي داھىي ھامېينى ۋە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋاپات بولغان ئاياتوللاھ ھومېينىنىڭ سۈرىتىنى يىرتقانلىقى ۋە كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇ كۆرۈنۈش ئىران تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىكەن.

ئىران ئىنقىلابىي قوغدىغۇچىلىرى سۈرەتلەرنى كۆيدۈرگەن ۋە يىرتقان بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا، ئىران ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان كىشىلەر بىر قانچە شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتچى، ئۆكتىچىلەرنى ئەيىبلىگەن.

ئىراندىكى ئۆكتىچىلىك نامايىشلىرى بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەلىرى سادىر بولغان ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتى مەلۇم ساندىكى كىشىنى جازالىغان ئىدى.