جەنۇبىي كورېيە قوشۇنلىرى شىمالىي كورىيىگە قارشى جىددىي ھالەتكە كىردى

جەنۇبىي كورېيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانلىق شتابى ئۆز ئارمىيىسىنىڭ 22 -ئۆكتەبىر كۈنى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.10.21

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىل شىمالىي كورېيە تەرەپنىڭ جەنۇبىي كورىيىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن زەربە بېرىشكە تەييارلانغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

شىمالىي كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى ئەگەر جەنۇبىي كورىيىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ شارچىلاردىن پايدىلىنىپ شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى داۋاملىق ئەۋەتسە، « جەنۇبىي كورېيە تەۋەسىگە زەمبىرەك ئېتىپ، رەھىمسىزلەرچە زەربە بېرىمىز» دەپ جاكارلىغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش جەنۇبىي كورېيە ھەربىي تەرەپنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان.

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيە چېگراسى تەرەپنى بىر قېتىم توپقا تۇتۇپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.

يېڭىدىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى بولغان كىم جۇڭيۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆزىنىڭ قاتتىق مەيدانىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ئىككى كورىيىنىڭ تىنچلىق بىلەن بىرلىشىشى ياكى بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن ھېچقانداق نەتىجىلەر چىقمىغان. شىمال تەرەپ يادرو قوراللىرىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.