چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىچكى موڭغۇللۇق ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ تۈرمىدىن ئۆز ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن جازا مۇددىتى توشۇش ئالدىدىكى ئىچكى موڭغۇللۇق ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ جازا مۇددىتى توشقان ھامان دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خادا بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " بۆلگۈنچىلىك " ۋە "دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 10 ‏- دېكابىر كۈنى توشىدۇ. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىدىن ئالغاندا، كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ خادانى دەرھال قويۇپ بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. باياناتتا يەنە، "بىز دائىرىلەرنىڭ خادا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز". "بىز شۇنداقلا يەنە دائىرىلەرنى موڭغۇل ئاز سانلىق مىللىتىنىڭ ھوقۇقىنى تور ئارقىلىق تىنچ يوللار بىلەن قوغدىغان كىشىلەرنى تەقىپ ئاستىغا ئالماسلىققا چاقىرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تور ئارقىلىق خادانى قوللاش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىچكى موڭغۇللۇق ئايال يازغۇچىنى گورۇد خۇچىنخۇانى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. خادا 1995‏- يىلى جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 1996‏- يىلى "بۆلگۈنچىلىك" ، "دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" ۋە " جاسۇسلۇق" قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گەرچە، چەتئەلدىكى ئىچكى موڭغۇلىيىلىك تەشكىلاتلار خادانى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ چەكلىك بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەردىن خادانىڭ دىلوسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يىتەرلىك دىققىتىنى قوزغىيالمىغان.