كاندىلىزا رايىس قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىش 5 - ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.04

بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار رەھبىرى رايىس خانىم بۇ قېتىمقى سەپىرىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا - قازاقىستان كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

بۇ قېتىم ئۇ يەنە قازاقىستان ماش مىنىستىرى كەرىم مەسۇموپ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئالغان بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، رايىس خانىم پرېزىدېنت نازاربايېف، باش مىنىستىرى كەرىموف مەسۇموپلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان سودا - ئىقتىساد، سىياسىي شۇنىڭدەك رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

كاندىلىزا رايىسنىڭ قازاقىستان زىيارىتى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىنى ئوز ئىچىگە ئالغان گرۇزىيە مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلىرى ئۆتكۈرلەشكەن، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇش قارارىغا كەلگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

قازاقىستان نۆۋەتتە مەركىزىي ئاسىيادىكى رەھبىرىي دۆلەتكە ئايلانماقتا، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە، ئىقتىسادىي كۈچى غەربنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ جاي خىتاي، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.