باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇن ۋە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلدى دەپ ئەيىبلەندى. باياناتتا يەنە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقى تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۈز يەتكۈزمەسلىككە چاقىرىلدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: "ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى خالىغانچە ئىشلىتىدىغان قۇرۇق قەغەز ئەمەس، ئۇ ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ ئاساسىدۇر، بىز سىزنى سوت بىلەن جىدەللەشمەسلىككە ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز."
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن يەنە، ئاممىغا مۇراجەت ئېلان قىلىپ، گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. چاقىرىقتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايسقا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى Michael Chertoff قا قارىتىپ مەكتۇپ يېزىش ۋە فاكىس يوللاش تەلەپ قىلىندى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 150 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 2 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاكتىپ پائالىيەتچىسى ۋە قوللىغۇچىلىرى بار بىر تەشكىلاتتۇر.
