ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش قىلمىشىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دوكلات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ كىشىلەرنى بولۇپمۇ، مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە توشىدىغان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىپ، مۇساپىرلارنى قوغداش خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.08.01

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەييارلىغان دوكلاتتا، قازاقىستاننىڭ خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلىق ۋە مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە توشىدىغان ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ، مۇساپىرلارنى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دۆلەتلەرگە قايتۇرماسلىق توغرىسىدىكى خەلقئارا پرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن ئىلگىرىلەپ قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

دوكلاتتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا قازاقىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلات رامكىسى ئىچىدە بەرگەن دىپلوماتىك ۋەدىسىگە ئاساسەن، مۇساپىرلارنى تەن جازاسى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى روي بېرىۋاتقان بۇ دۆلەتلەرگە ئۆزى خالاپ قايتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

مەركىزى نيۇيوركتىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» قازاقىستاننىڭ يېقىندا ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى شۇنداقلا يەنە، 28 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.