گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى مىللەتلەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ماركۇس لوەنىڭ، ئالدىنقى كۈنى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.23

يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مەۋجۇت ۋە جىددىي مەسىلىلەرگە قارىتا يېڭىچە يول تۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن گېرمان مۇتەخەسسىس، ئاس سانلىق مىلللەتلەر ھوقۇقىغا، ئۆكتىچىلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزلىرىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ناۋىي پلاي خانىمنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ تىبەتتىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىس ماركۇس لونىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تىبەت ۋەزىيەت ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بېرىۋاتقان مەلۇماتى ئىشەنچلىك ئەمەس. شۇڭا ماركۇس لونىڭ تىبەتكە مۇستەقىل خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەكشۈرۈشكە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.