شىمالى كورىيە ب د ت نىڭ جازالىشغا ئاتوم پوپوزىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى

شىمالى كورىيە بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جازالاش قارارىغا ئاتوم پوپوزىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيە بۈگۈن 'ئامېرىكا باشچىلىقىدا قىلىنغان ھەر قانداق مۇھاسىرىنى، پىنيوڭ ئۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ھېسابلايدۇ' دەپ جاكارلىدى ۋە يەنە، ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئى ھەمرا چىقىرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى دېگەن نام ئاستىدا، جەنۇبىي كورىيىنى نىشانلاپ ئاتوم بومبىسىنى تېڭىشقا بولۇدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-13
Share

شىمالى كورىيىنىڭ باياناتىدا يەنە، ئۆزلىرى تاۋلاپ چىققان پلۇتونيۇمنى ھەربىي قوراللارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شىمالى كورىيە ھازىر تاۋلاپ بولغان پلۇتونيۇم 6دىن 8گىچە يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىشقا يېتىدىكەن.

شىمالى كورىيە 5 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالى كورىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى پىلانىنى چەكلەش ئۈچۈن، جازا قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە باشلاپ، تۈنۈگۈن (جۈمە كۈنى) شىمالى كورىيىنىڭ ھەربىي قوراللارنى توشۇش يوللىرىنى نەزەربەنت قىلىش، قورال ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش، دېڭىز ياكى ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان گۇمانلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توساش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازا قوللۇنۇش ھەققىدە 1874 نومۇرلۇق قارار ماقۇللىغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت