كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىدا 4 ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن

مۇشۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تە كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىدا 4 ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.10

بۇ خەۋەر رادىئومىزدا بېرىلگەندىن كېيىن رويتېرس قاتارلىق بىرى قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى بۇ ياشلارنىڭ بومبا ياساپ ھۇجۇم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى گۇمان قىلىپ ئارقىسىغا چۈشكەن ۋە 8 - مارت ئەتىگەندە بۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى 20 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىغا پالتا - پىچاقلار بىلەن ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە بىر ساقچىنىڭ قولىنى پالتا بىلەن چېپىۋەتكەن.

قارشىلىق تولىمۇ كەسكىن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدا ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.