كۈنمىڭ شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

24 - دېكابىر يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگۈچى ئۆزىنى بۇ يىل ئىيۇلدا كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئىجراچىسى دەپ جاكارلىغان.

باش شىتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان شىڭداۋ گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتا ئۆلگۈچى مەزكۇر قاۋاقخانىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، گەرچە ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتا ئۆلگۈچى ئېلىپ بېرىلغان يۈننەن ئۆلكىلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چا شۈن، يارىدارنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا "ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى مەن پارتلاتتىم" دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پارتلاش يۈز بەرگەن سالۋادور قاۋاقخانىسىنى بىر ئامېرىكىلىق بىلەن بىر ياپونلۇق بىرلىشىپ تۆت - بەش يىلىنىڭ ئالدىدا ئاچقان بولۇپ، ھازىرچە مەزكۇر خوجايىنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاشاكارىلانمىدى.

يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدە بۇ يىل 21 - ئىيۇل ئىككى يەردە ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا 2 ئادەم ئۆلگەن 14 ئادەم يارىلانغان ئىدى.