لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى كازافىينىڭ يۇرتى سىرتەگە قاراپ ئىلگىرىلىدى

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى كازافىيگە بېرىلگەن تەسلىم بولۇش مۆھلىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىغا قارىماي شەنبە كۈن ئۇنىڭ يۇرتى سىرتەگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-09-03
Share

كازافىينىڭ ترىپولىندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى سىرتەدە مۇداپىئە تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۈگۈن ئۇنىڭغا ئەسلى بېرىلگەن تەسلىم بولۇش مۆھلىتى توشقان بولسىمۇ، لىۋىيە ئۆتكۈچى ھۆكۈمەت مىللىي كېڭىشى كازافىينىڭ تەسلىم بولۇش مۆھلىتىنى يەنە ئۇزارتقان ئىدى.

بۇ كازفىيغا بېرىلگەن تەسلىم بولۇش مۆھلىتى 10-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىلغان.

قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى ئابدەل ھەزىف غوجا قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ ئىلگىرىلەشتىن توختىمىغانلىقىنى، كازافىينىڭ ئانا يۇرتى سىرتەگە 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋادى ھاۋاراھ يېزىسىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سىرتەدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى قوزغىلاڭچى ئارمىيىدىن سىرتەگە ئەلچى ئەۋەتىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

كازافىينىڭ سىرتەگە چېكىنگەنلىكى ۋە شۇ يەردە ساداقەتمەنلىرىنى قوزغىلاڭچى ئارمىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت