لىۋىيىدە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارتماقتا

لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مىسىر ئاتا شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقى ئارتماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.04.28

شەھەرنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان پورتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار كۈچىيىشكە باشلىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسيانچىلار، ناتو كۈچلىرىنىڭ ھاۋا بومباردىمانلىرى ئارقىلىق قىلغان ياردىمى نەتىجىسىدە رايوندىكى كازافىي كۈچلىرىنى قىسمەن كەينىگە چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن قوراللىق توقۇنۇشلار توختىغان ئازراق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «قىزىل يۇلتۇز» ناملىق بىر ياردەم پاراخوتى مىسىر ئاتا پورتىغا يېقىنلاشقان ۋە 935 كىشىنى ئېلىپ، ئىسيانچىلارنىڭ قولىدىكى بىنگازىغا يۆتكىگەن.

بىخەتەررەك ئورۇنغا يۆتكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن مىسىر ئاتا شەھىرىدە ناتونىڭ ئېلىپ بارغان ھاۋا بومباردىمانلىرىدا ئىسيانچىلاردىن 12 كىشى ئۆلگەن. ئەمما ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ مۇھەممەد بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىشتىن يېنىۋېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چۈنكى ئىسيانچىلار ناتونى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.