چۈنكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە توربەتلىرىدە چەكلەنگەن. ليۇ شاۋبو جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمە ئەتراپىدىكى يوللارمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان.
مەزكۇر ئادۋوكات، مۇكاپات خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىدە ھېچقانداق بىر يۇمشاش ياكى چېكىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ليۇ شاۋبونىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشىدىن ھازىرچە ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.