ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يەكشەنبە كۈنى سېرىق دېڭىزدا باشلاندى ۋە مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ۋاقتى تۆت كۈن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە پاراخوتلىرى جەنۇبىي كورىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر قىلغان.

بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ "جورجى ۋاشىنگتون" ناملىق يادرولۇق ئاۋىئاماتكىسىمۇ قاتناشقان.

خەۋەرلەردە ھەربىي مانېۋىر باشلانغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە قارشى تەرەپكە يېقىن جايلارغا راكېتالارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى ژۇرنالىستلارنى ئالدىنقى سەپ رايونلىرىدىن كېتىشكە چاقىرغان.

شىمالىي كورىيە ئەگەر ئۇلار شىمالىي كورىيىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا، قاتتىق ھەربىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئالدىنقى ھەپتىدە شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيە تەرەپنى توپقا تۇتۇپ، ئىككى ھەربىي خادىمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ "جورجى ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.