رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە باش مىنسىتىر مېدۋېدېۋ ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزنى ئېيتقان ھەمدە ئۇ ئەسەدنىڭ ئەسلىدە بالدۇرراق ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەلىشىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىش ئۈچۈن بېسىش كېرەك بولغان قەدەملەر مەسىلىسى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.
بىراق، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەسەدنىڭ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا، ئەمما پرېزىدېنت پۇتىن تۈركىيە زىيارىتىدە «بىز سۈرىيىنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق سۈرىيىنى قوغدايدىغانلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى. رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئاشكارا يوسۇندا ئەسەدنى ئەيىبلىشى سۈرىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.