دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىنى تەنقىد قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زەربە بەرسە، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.08.05

مىڭ جيەنجۇ ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەملىكەتلىك خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «زوراۋانلىق» بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى، «رەھىم-شەپقەت» ۋە «يۇمشاق قوللۇق» قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇ يەنە، يەرلىك دائىرىلەرنى «ھەرخىل مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، ئاتالمىش زوراۋان تېررورلۇقنىڭ مەنبەسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە مەجبۇرلاپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە ئىلگىرىلەپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئويلىسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلەپلىرىگە شەرتسىز ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.