موسكۋادا 2 يەردە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى مېترو بېكەتلىرىدە ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە تېپىلغان دەلىللەر، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى ئايال كىشى سادىر قىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:56 مىنۇت ئۆتكەندە شەھەرنىڭ مەركىزىگە يېقىن بولغان لۇبيانكا بېكىتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، 24 كىشى قازا قىلغان. ئارىدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پارك كۇلتۇرى مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشتا بولسا 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ب ب س'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات تېخى بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ئىچكى ئىستىخبارات تەشكىلاتى FSB بۇ تېررور ھۇجۇمىنى شىمالىي كاۋكازىيىدىكى مىلىتارىستلار قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى رۇسىيە دائىرىلىرى يېقىندا بۇ ئىسيانچى مىلىتارىستلارغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، فېۋرالدا ئىنگۇشىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 20 دىن ئارتۇق مىللىتارىستنى تازىلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كېيىنكى يىللاردا شىمالىي كاۋكازىيىدىكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق بولغان چېچەنىستان، ئىنگۇشىيە ۋە داغىستان قاتارلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ سانى ئېشىپ قالغان بولۇپ، رۇسىيە دائىرىلىرىنى نىشان قىلغان بۇ خىل ھۇجۇملار ھۆكۈمەتنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان ئىدى.

رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئارتىپ بېرىشىنىڭ ئەكسىچە، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئىشسىز بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ياشلارنىڭ ئىسلامچى قوراللىق كۈچلەرگە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كېيىنكى يىللاردا بۇ رايونلاردا مىلىتارىست ھەرىكەتلەرمۇ كۈچلەنگەن ئىدى.
 
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، موسكۋا مېتروسى 2004 - يىلىمۇ ئىككى قېتىم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋەقەنى چېچەن مىلىتارىستلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت