ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە چەتئەل شىركەتلىرى تەكلىپ قىلماقچى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان دوۋ جونېس خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى نېفىت گۇرۇھى - جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلارغا چەتئەل شىركەتلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق نېفىتلىكلەر خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، باشقا شىركەتلەر ئاساسەن بۇ ساھەگە پۇت تىقالماي كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر شىركەت 2006 - يىلى بىر فرانسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي گازلىقىغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق چەتئەل نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە يېقىن يولىتىلمىغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكىگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويماقچى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ھالبۇكى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى يۇقىرى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.