دائىرىلەر دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختىنى ئالداپ ئەكىتىلىپ سولاپ قويدى
2012.07.16
دائىرىلەر نۇرۇنگۈلنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تېلېفون ئارقىلىق ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا 39 كۈن ھەقسىز ياتقانلىقىغا تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىغا 20مىڭ يۈەن پۇل يوللاپ بېرىپ، ئۇنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. نۇرۇنگۈل 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل ھېساباتىغا ئۆتكەندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. ئۇ يۇرتىغا بېرىپ ئەتىسى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن. ئارىدىن يەنە بىرقانچە كۈن ئۆتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ نۆۋەتتە ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. نۇرۇنگۈل توختىنىڭ ئەسلى ئەرزى ئۇ داليەندىكى چېغىدا 8 ياشلىق ئوغلىنى بۇلاپ كەتكەن خىتاي قاراقچى ئۈستىدىن ئىدى. نۇرۇنگۈل داۋا جەريانىدا خىتاينىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلىرىدا كۆپ قېتىم خىتاي ساقچىلىرى بىلەن جاڭجاللاشقان. ئۇ بۇ سەۋەبتىن ئالدىنقى يىلى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئۇچتۇرپان قاماقخانىغا 39 كۈن قاماپ قويۇلغان. نۇرۇنگۈل قاماقخانىدىن چىقىپلا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇلتۇر دائىرىلەر ئۇنىڭ ئېغىزىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن يېزىلىق سىياسىي كومىتېتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان؛ لېكىن خىزمەت داۋامىدىكى ھەقسىزلىقلارغا قاراپ تۇرالمىغان نۇرۇنگۈل مەزكۇر خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.