پرېزىدېنت باراك ئوباما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.20
2009.09.20
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىلغان نۇقتىدا ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭمۇ قايتىدىن ياخشىلىنىشقا باشلانغانلىقى، ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ ئىشسىزلىقنى تۈگىتىپ، قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بىراق، ئوباما ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ۋاقىتلىق ياخشىلانمايدىغانلىقى، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە داۋاملىق يامان ئەھۋال داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش باشلانغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئوباما، نۆۋەتتە سالامەتلىك سۇغۇرتا ئىسلاھاتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە پۇقرانى سالامەتلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەش پىلانى كەسكىن قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى.