ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ رىياتتىن بايان قىلىشىچە، ئوباما تۈنۈگۈن كېچىدە سەئۇدى ئەرەبستانىغا يېتىپ بارغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىنلا مىسىرغا بارىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما نىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ قۇرۇپ، ئۇقۇشماسلىقىنى تۈگىتىش ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

FBIS نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەلقائىدىنىڭ رەھبىرى ئوساما بىنلادىن بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوبامانىڭ نۇتقىغا قارىتا ھۇجۇم بىلەن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ 'ئامېرىكا ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك' دېگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، پاكىستان ئارمىيىسىنى 'ئىسلامنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك' دەپ كۈرسەتكەن.

بۇ ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەنە، تۈركىيە بۈگۈن ئوبامانىڭ نۇتقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ 'ئىسلام دۇنياسى' دەپ ئايرىپ ئاتايدىغان ئاتالغۇنى قوللانماسلىقى كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن.