باش ئەلچى جون ھۇنتسمان مۇخبىرلارغا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ يىل نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كونكرېت قايسى كۈنى خىتايدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ئوباما بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە، ئامېرىكا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى، ئېنېرگىيە، دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېران ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان باش ئەلچى ھۇنتسمان ئەپەندى: " كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىمىز بىزنىڭ باشقا سۆھبەتلىرىمىزگىمۇ سىڭدۈرۈلۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ، ھەر يىلى بىرى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگىلا مەركەزلىشىپ قالمايدۇ" دېدى. ئۇ يەنە شۇنداق بولغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا قىممەت قارشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش ئەلچى ھۇنتسمان ئەپەندى بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا يېتىپ بارغان ئىدى.
