بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەرەققىي قىلغان ۋە قىلىۋاتقان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى پۇل قىممىتى مەسىلىسى ئالاھىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى قەستەن كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوباما يىغىندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە پۇل قىممىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش كېتىدىغانلىقىنى، گ 20 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى ئالمىشىش قىممىتىنى ئەركىن بازارنىڭ بەلگىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئورتاق قارار ئالغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گ 20 دۆلەتلىرىنىڭ سىيئۇلدىكى ئۇچرىشىشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ يوكوخوما شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ئوباما بۇ يەردە ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. باراك ئوباما يىغىندا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن تىجارەت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىدىكەن.
بۈگۈن خىتاي پرېزىدېنتى خۇجىنتاۋمۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېمە ۋەقەسى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن دىپلوماتىك سۈركىلىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياپونىيىگە كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.