ئوش ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى خاتىرىلەندى
2012.06.10
پەرغانە تورىنىڭ يېزىشىچە، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبەك ئاتامبايېۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەلىرى كېلىپ قاتناشقان ھەمدە «ئانا كۆز يېشى» دەپ ئاتالغان ئوش ۋەقەسىنىڭ خاتىرە مۇنارى ئالدىغا بېرىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2010 - يىلى، 10 - 13 - - ئىيۇن كۈنلىرى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال ئاباد شەھەرلىرىدە قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا قانلىق ئېتنىك توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى، بولۇپمۇ ئوش شەھىرىدىكى توقۇنۇش ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقەدە 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن غەيرى رەسمى مەنبەلەر 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خاتىرىلىمەكتە. ئوش قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېك قوشنا ئۆزبېكىستانغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار كېيىن بىر - بىرلەپ قايتۇرۇلغان ئىدى.