بۈگۈن ئىسلامئاباتتا يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە 152 ئادەم ئۆلدى

28 - ئىيۇل كۈنى پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە 152 ئادەم ئۆلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئاباتتىن بايان قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىمتىياز ئەلاھى بۈگۈنكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە بەش يولۇچى ساق قالدى دېگەن ئۇچۇر توغرا ئەمەس، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ، 1965 - يىلىدىن بۇيان پاكىستاندا يۈز بەرگەن 12 - قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1979 - يىلى پاكىستان خەلقئارا ھاۋا قاتنىشىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە ۋەقەگە ئۇچراپ، ھەج قىلغىلى كەلگەن 156 ئادەم بىراقلا قازا قىلغان ئىدى.