پرېزىدېنت تورىبئوڭ گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 6 ئۇيغۇر بىلەن بىللە سۇ ئۈزمەكچى

بۇ ھەپتە ئاخىرى گۈەنتانامودىن پالاۋغا قويۇپ بېرىلگەن 6 ئۇيغۇر، 2 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى پالاۋ جۇمھۇرىيىتى مەركىزى كورودا بازارغا چىققان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئالتەيلەن پالاۋدا قەھرىمانلاردەك ئىززەتلەنگەن ۋە پالاۋ جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ ئۇلارنى كۈتىۋېلىشقا چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار يەنە پۈتۈن بىر كۈن سۇ ئۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پرېزىدېنت تورىبئوڭ ئۇلار بىلەن بىللە سۇ ئۈزىدىكەن.

ئاۋسترالىيىدىن مەخسۇس كەلگەن تەرجىمان مەمتىمىن ئەلا، بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 6 ئۇيغۇر بازار چۆگىلەش جەريانىدا پالاۋ خەلقى يول بويى ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ ماڭغان.

مەمتىمىن ئەلا رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتە پالاۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىلگىرى گۈەنتاناموغا جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى ئالبانىيىگە، 4 نەپىرى بېرمۇدىغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ھازىر گۈەنتانامودا يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىشنى كۈتمەكتە.

مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا قويۇپ بېرىلىشى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقاش جەھەتتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى قىسمى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئالىي سوتى قارار چىقىرىپ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.