بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىشى مۇمكىن

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مەزكۇر سىياسەتنى خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان 5 ئۆلكىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئويلاشماقتىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.09.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئىككى پەرزەنتلىك سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئىشىنىڭ 2011‏ - يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ سىياسەتكە ئاساسەن ئەگەر بالا تاپقۇچى ئەر - ئايالنىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ ئەۋلادى بولسا، بۇ ئائىلىنىڭ 2 ‏ - پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇلىدىكەن.

بۇ سىياسەتنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا 4 ئۆلكىدە 2012 ‏ - يىلى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇنىڭ 2013 ‏ - ۋە 2014 ‏ - يىللىرى خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1970 ‏ - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق بەزى مىللەتلەرنىڭ شەھەر نوپۇسىدىكى ئاھالىسىغا 2 پەرزەنتلىك، يېزا ناپۇسىدىكى ئاھالىسىغا 3 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى يۈرگۈزگەن ئىدى.

بۇ تۈزۈم ئۇيغۇرلارغا 1987‏ - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى شەپقەتسىز يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. مەزكۇر تۈزۈمنى تەنقىد قىلغۇچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ رايوندىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى تىكلەيدىغان ۋاستىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا 2 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى يولغا قويسا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن 2 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى تەڭشەيدىغان ياكى تەڭشىمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ سىياسەتنى پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مىللەتلەرگە قانداق تەدبىقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.