ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامنامىسى'گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - ئىيۇن "ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامنامىسى" گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى ۋە "ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي ئىجارىگە بېرىشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" نى تەستىقلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.06.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يۇقىرىقى قارارلار 3 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە يېپىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 18 يىغىنىدا ماقۇللاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى چىقىرىلغان "قەدىمىي شەھەر كوچىلىرى ۋە تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى قوغداش نىزامىنى" توختام ۋە چېگرا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنلىرىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار ماقۇللانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىر قەدەر قاتتىق يۈرگۈزگەن ۋە بۇ ھەقتە ھەرخىل بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنى 2002 - يىلى 1 - دېكابىر قايتا تۈزەتكەن ئىدى. بۇ نۆۋەت تۈزۈتىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا قانداق شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.